مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش» مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2022.07.22 11:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش» مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان شەكىللىك توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي قاراش، ئىدىيەۋى ئاڭدىن قول سېلىپ چوڭقۇر قاتلاملىق شەكىلسىز چەكلىمىلەرنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 80گە يېقىن ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، 30 ئەزا، مۇتەخەسسىس يىغىندا سۆز قىلدى، 370 نەچچە ئەزا ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى ۋە كىتاب ئوقۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپىسى ئارقىلىق پىكىر بايان قىلدى. ئەزالار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئالىي، قابىل، سەرخىل، كەمچىل» ساھەلەرنى نىشانلاپ پەن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇل تەتقىقاتقا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئادەم تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىدىن ئىبارەت ئىككى «ئىختىساسلىقلارنى توپلاش كۆلچىكى»نى تۇتاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىدار، ئەمەلىي نەتىجە ۋە تۆھپە يېتەكچى قىلىنغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ باھالاشنى يولغا قويۇپ، باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلمىي ماقالىگىلا قاراش، ئۇنۋانغىلا قاراش، ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش، مۇكاپاتقىلا قاراش خاھىشىنى تۈگىتىش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات باشقۇرۇشتىكى «يېشىل يول» ۋە تۈر خىراجىتىنى «ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىپ، ئىختىساسلىقلار چوڭ بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارغاقارىتا باغلاقنى يەنىمۇ بوشىتىش كېرەك. ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئەخلاقى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيە مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ياش ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات بايلىقىنى مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارغا مايىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سالاھىيىتىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇش ھادىسىسىنى تۈگىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار خەلقئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئىختىساسلىقلار مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن -تېخنىكىدا مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئىختىساسلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، لى بىن، سۇ خۇي، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ