پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

2019.05.17 10:38 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىرزات ياقۇپ (ئوتتۇرىدا) «مۇزىكانت» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 13- ئاپرېل باشلانغاندا، پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان «مۇزىكانت» ناملىق فىلىم مۇشۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىنىڭ باشلىنىش فىلىمى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.

  دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپ ئىلگىرى «مەمەتنىڭ 2008- يىلى»، «گۈلبېكە»، «پيوڭياڭدا ئۇچرىشىش»، «مېھىر-مۇھەببەت» ناملىق كىنولارغا رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ قېتىمقى«مۇزىكانت» ناملىق بۇ فىلىم جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن تۇنجى فىلىم، ھەم شۇنداقلا شىرزات ياقۇپ ئىلگىرى رېژىسسورلۇق قىلغان «پيوڭياڭدا ئۇچرىشىش»تىن كېيىنكى يەنە بىر خەلقئارالىق فىلىم ھېسابلىنىدۇ.

  «مۇزىكانت» ناملىق بۇ فىلىم 5- ئاينىڭ 13- كۈنى بېيجىڭدا تۇنجى قويۇلدى، 17- مايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.

  يېقىندا، خەلق تورى مۇخبىرى پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت قىلىپ، «مۇزىكانت» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ھەققىدە بەزى تەپسىلاتلاتنى ئىگىلىدى. شىرزات ئاكا يەنە ئۆزىنىڭ «غەربىي رايون ئىللىق ئېقىمى»غا بولغان چۈشەنچىسىنى ۋە يېڭى يېتىشىۋاتقان ياش رېژىسسورلارغا بولغان سەمىمىي تىلەك-نەسىھەتلىرىنى ئىپادىلىدى.

  تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈپ، زىيارەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. (سۈرەتلەرنى شىرزات ياقۇپ تەمىنلىگەن)

  


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ