خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنيا مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە شانلىق تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ياراتتى، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، قېزىش داۋامىدا قوغداش، پايدىلىنىش داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئورتاق كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىممىتىنى يەنىمۇ قېزىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
دۇنيا مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭتيەن ناھىيەسىدە ئېچىلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئورتاق يېزا ئىگىلىك مىراسلىرىنى قوغداش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ