شى جىنپىڭ شىنجاڭدا شىخەنزە شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2022.07.15 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، 8-شى-شىخەنزە شەھىرى 143-تۈەنىنى تەكشۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش تارىخى، شۇنداقلا بىڭتۈەننىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ