مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

14-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى يىغىنى شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.07.15 03:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شيامېندا 14-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى ئىككى قىرغاق ئەلئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدىكى كاتتا يىغىن، شۇنداقلا قېرىنداشلار ئارا ئۆزئارا قېرىنداشلىق مېھرىنى ئىزھار قىلىدىغان، مۇھىم ئىشلارنى ئورتاق سۆزلىشىدىغان سۇپا. ئىككى كۈن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرىدىكى قىسمەن تەيۋەنلىك ياشلارغا يازغان جاۋاب خېتى تەيۋەنلىك ياشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، شۇنداقلا دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك ياشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىش، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياشلىق باھارىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قان بىلەن گۆشتەك بىر ئائىلە كىشىلىرى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل» ئورتاق تونۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ، بولۇپمۇ تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىپ ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردۇق. كۈچلۈك ۋەتەن تايانچ بولغاندىلا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، تەرەققىيات بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بەخت ۋە ئارزۇنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شيا لىيەن سىنلىق تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى «92-يىل» ئورتاق تونۇش ئاساسىدا دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەرنىڭ ئالاقە ۋە سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ يېڭى رەئىسى ۋۇ چېڭديەن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «92-يىل» ئورتاق تونۇشى، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر جۇڭگوغا تەۋە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش»، «ئامېرىكاپەرەس بولۇپ كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇش» سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشانىغا يېتىش كېرەك. باشقا تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋەكىللىرىمۇ يىغىندا سۆز قىلدى.

  فۇجيەندىكى مەزگىلدە، ۋاڭ ياڭ يەنە شيامېندا «ئورتاق يۇرت-ماكان ئورتاق ئەسلىمە — فۇجيەن-تەيۋەن مۇناسىۋىتىگە ئائىت ئارخىپ-ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جاڭجوۋ شەھىرىدىكى ئىككى قىرغاق ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ۋە تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزئارا سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھېسسىيات ئارقىلىق سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تېخىمۇ جانلىق تەدبىر قوللىنىپ، تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا ۋەتەننىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، كېلىشنى خالايدىغان، قالالايدىغان، سىڭىشەلەيدىغان قىلىش كېرەك. تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى توسالغۇسىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مىقدارىنىڭ مۇقىم، سۈپەتلىك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. فۇجيەننىڭ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاپ، فۇجيەن بىلەن تەيۋەننىڭ تۇتىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش كېرەك.

  مۇنبەر ئېچىلىشتىن بۇرۇن ۋاڭ ياڭ مۇنبەرگە قاتناشقان تەيۋەنلىك ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۇ خۇي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ