«باش شۇجى بىزگە <تۇرمۇشىڭلار يىلدىن -يىلغا باياشات بولسۇن> دەپ تىلەكداشلىق بىلدۈردى»

2022.07.15 02:09 مەنبە: تىيانشان تورى

  

  چاغاننۇر كۆلى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز سۇ يۈزى دولقۇنلىنىپ جىمىرلاپ تۇراتتى. 51 ياشلىق بېلىقچى خۇ خەيفېي ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى بېلىق تۇتۇش مەشغۇلاتى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  «بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ياز ۋە كۈز پەسلىدە راك ۋە ئاز مىقداردا بېلىق تۇتۇشنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلدۇق، قىش پەسلىدە ئاندىن چوڭ تور سېلىپ چوڭ بېلىق تۇتۇپ مول ھوسۇل ئالدۇق. بېلىق تورىمىزنىڭ تور كۆزىنى تۆت سۇڭدىن ئالتە سۇڭغا چوڭايتتۇق، بېلىق تۇتۇشتىمۇ <چوڭلىرىنى تۇتۇپ، كىچىكلىرىنى قويۇۋېتىش> كېرەكتە». خۇ خەيفېي مۇنداق دېدى: بېلىقچىلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چاغاننۇر كۆلىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن ۋىۋىسكا»نى ياخشى قوغداپ، تۇرمۇشىمىزنى «يىلدىن- يىلغا باياشات ئۆتكۈزۈش»كە تىرىشتۇق.

  2018-يىلى 9- ئاينىڭ 26 -كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سۇڭيۈەن شەھىرىدىكى چاغاننۇر كۆلىگە كەلدى. چاغاننۇر كۆلى ئېلىمىزدىكى ئون چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولۇپ، تۆت پەسىلدىكى مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. بولۇپمۇ يىل ئاخىرى قەھرىتان قىشتا قار-مۇزدا بېلىق تۇتۇش، ئاتقا چىغرىق سۆرىتىش، ئەگمەك نەيزە بىلەن بېلىق تۇتۇش، مۇز ئاستىغا تور سېلىش... بۇ خىل ئەنئەنىۋى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقىنىغا مىڭ يىل بولدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ يول بويى چاغاننۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بېلىقچىلىق مەيدانىدىكى نەچچە ئون ئىشچى ـ خىزمەتچى تور سېلىپ بېلىق تۇتۇۋاتاتتى، سۇنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى، ھە-ھۇ ئاۋازلىرى بىردەم كۆتۈرۈلۈپ، بىردەم پەسىيىپ تۇراتتى. باش شۇجى لەيلىمە كۆۋرۈككە چىققان چاغدا سۇ دولقۇنلىنىپ جىمىرلاپ تۇرغان، تور يىغىلغاندا بېلىقلار سەكرىشىۋاتقان، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كۆرۈنۈش كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

  ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. باش شۇجى بېلىقچىلارنىڭ يېڭىلا تۇتقان چوڭ بېلىقلىرىنى كۆرۈپ: بۈگۈن قانچىلىك بېلىق تۇتتۇڭلار، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى قانداقراق، كىرىمىڭلار ئوبدانمۇ؟ دەپ سورىدى.

  «مېنىڭ سۇ ئىچىدە بېلىقنى كۆتۈرۈپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مەندىن: توڭدىڭىزمۇ، قېلىن كىيىنگەنمۇ؟ دەپ سورىدى» دېدى خۇ خەيفېي ئەسلەپ : باش شۇجى ماڭا: سۇ سوغۇق، قېلىنراق كىيىنىڭ، تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ، ئىسسىقىدا يەڭ، سوۋۇپ قالسا ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ، دېدى، «بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىللىپ كەتتى».

  شۇ چاغدا 38 ياشلىق بېلىقچى چياۋ گولياڭمۇ سۇدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىزگە <تۇرمۇشىڭلار يىلدىن -يىلغا باياشات بولسۇن > دەپ تىلەكداشلىق بىلدۈردى».

  «باش شۇجىنىڭ <تۇرمۇشىڭلار يىلدىن -يىلغا باياشات بولسۇن> دېگەن سۆزى تىلەك، شۇنداقلا تاپشۇرۇق. بۈگۈنكى كۈندە بېلىقچىلارنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېڭى كۈچەيدى، قىشتا بېلىق تۇتقاندا، يېتىلگەن بېلىقلارنى تۇتىدۇ، كىچىك بېلىقلارنى تۇتمايدۇ» دېدى چاغاننۇر كۆلىنىڭ 20- ئەۋلاد «بېلىقچىلار باشلامچىسى» جاڭ ۋېن.

  تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «چاغاننۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بىلەن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، بۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغاننۇر كۆلىدىكى بېلىقچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۈنسايىن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش يولغا قويۇلغاچقا، كۆلنىڭ سۇ سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تاغلار يېشىللىققا پۈركەندى. ئون يىل ئىلگىرى ھەربىر بېلىقچىنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن كۆپرەك ئىدى، ھازىر بىنادا ئولتۇرىدۇ، يېمەك-ئىچمەكتىن، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايدۇ، ياز ۋە كۈزدە راك، قىشتا بېلىق تۇتىدۇ، يەنە ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، ھەربىر بېلىقچىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ