مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىرى لانكانىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى ۋىكراماسىنخاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.07.26 10:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رانېل ۋىكراماسىنخاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سىرى لانكا دېموكراتىك سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا ئەنئەنىۋى دوست قوشنا دۆلەتلەر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يۈكسەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ ۋىكراماسىنخانىڭ رەھبەرلىكىدە، سىرى لانكا چوقۇم ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ جانلىنىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتالايدۇ. مەن جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ۋىكراماسىنخا ۋە سىرى لانكا خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ