شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.07.26 10:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، زۇڭتۇڭ بايدېندىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ