مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى دۇنيا كارخانىچىلىرىنىڭ سىنلىق ئالاھىدە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2022.07.22 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7–ئاينىڭ 19–كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى دۇنيا كارخانىچىلىرىنىڭ سىنلىق ئالاھىدە سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى ھەم كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋابنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 400گە يېقىن كارخانىچى قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك خىرىس ۋە ئېنىقسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ سىنلىق يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىنچ، مۇقىم مۇھىت تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداشنى خالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ھەم تەخىرسىز ۋەزىپىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىنى قوغدىشى كېرەك. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2-پەسىلدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم قاتارلىق مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىردىنلا زورىيىپ، 4-ئايدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر چوڭقۇر تۆۋەنلىدى. بىز كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ تىزگىنلەپ،ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش»نى يولغا قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىدە بېكىتىلگەن سىياسەتنىڭ ئالدىغا قاراپ كۈچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر 33 تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە يولغا قويدۇق، 5- ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاستىلىدى، 6-ئايدا ئىقتىساد مۇقىم ئاشتى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر بىر قەدەر تېز ئۆرلەپ، مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى، شەھەر -بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتا يەنىلا جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كونترول قىلىپ ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تەرەققىياتنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ تېزدىن نورمال يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشى تىرەك بولىدۇ. 2020-يىلىدىن بۇيان، بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق زور زەربىگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا يولغا قويغان سىياسەت كۆلەم جەھەتتە مۇۋاپىق بولۇپ، «باستۇرۇپ سۇغارمىدۇق»، شۇنداقلا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدۇق. بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى ئېشىپ، مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يەنە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى؛ كۆمۈر، توك بىلەن مۇقىم تەمىنلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى مال باھاسىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ئاساس سالدى، بۇ ھەم يەر شارى ئاشلىق ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق. جۇڭگودا 160 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى بار، خەلقى ئەمگەكچان، ئەقىل–پاراسەتلىك، بۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ زور ئېلاستىكلىقى ۋە ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق. بىز ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، قاراتمىلىقىنى ساقلاپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا داۋاملىق كۈچەپ ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «يېشىل تاغ»نى ساقلاپ قالىمىز. ماكرو سىياسەت ھەم دەل جايىدا، كۈچلۈك، ھەم مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، زىيادە يۇقىرى ئېشىش نىشانى ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا، نورمىدىن ئاشۇرۇپ پۇل تارقىتىشقا، ئالدىن چىقىم قىلىشقا بولمايدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىر قەدەر ياخشى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەردە يەنە ئۈنۈمنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش بوشلۇقى بار، قوشۇلما قىممەت بېجىدىن باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ قايتۇرۇلغان باج ئالدىنقى يېرىم يىلدا 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، سىياسەتنىڭ سىجىل يولغا قويۇلۇشى ئەمەلىي باج قايتۇرۇش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس قەرزنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېخىمۇ كۆپ ماددىي خىزمەت مىقدارىغا ئىگە قىلىدۇ ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ئىسلاھات ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتىمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا، ئادىل سودىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايون سودا ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ئىككى «چاق»نىڭ بىللە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش ساھەسىگە قانۇن بويىچە باراۋەر كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە تېخىمۇ دەل جايىدا ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋىزا بېرىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسەتلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى يەنىمۇ تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، چېگرادىن چىقىش سودىسى ۋە چېگرا ھالقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش پائالىيىتىگە پۇختا، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. جۇڭگو ۋە چەت ئەل خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە تاشقى ئالاقە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ يەنە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى، ئىستېمال سىياسىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا چەت ئەل كارخانىچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ