مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا تىنچلىق، خەۋپسىزلىك مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.07.27 09:55 مەنبە: خەلق تورى

  7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا تىنچلىق، خەۋپسىزلىك مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يامرىماقتا، تۈرلۈك خەۋپسىزلىك خىرىسلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن يۈزبېرىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ـ ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە راستچىل ـ سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئافرىقىدىكى دوستلار بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  2 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا تىنچلىق، خەۋپسىزلىك مۇنبىرى شۇ كۈنى سىنلىق شەكىلدە ئېچىلدى، باش تېمىسى «ئىتتىپاقلىق ـ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش» بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ