شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى دىروپادى مۇرمۇغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.07.27 09:56 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى دىروپادى مۇرمۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ھىندىستان ئىككى دۆلەت مۇھىم قوشنا دۆلەتلەر. ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو ـ ھىندىستان مۇناسىۋىتى جۇڭگو ـ ھىندىستان ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا شۇ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. مەن جۇڭگو ـ ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇرمۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو ـ ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ