مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2022.08.01 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  ■ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلغاندا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلگەندىلا، چوقۇم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ھالقىلىق پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشى، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىشى كېرەك

  ■ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىر پۈتۈن گەۋدە، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تونۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باھالاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت ئېھتىياجنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك، مالىيە، پۇل سىياسىتى جەمئىيەت ئېھتىياجىدىكى يېتەرسىزلىكنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

  7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلغاندا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلگەندىلا، چوقۇم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ھالقىلىق پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشى، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى ۋاڭ مېيشياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلىشى ۋە ئۇ ھەقتىكى ئويلىنىشىغا تامامەن قوشۇلدى، شۇنداقلا ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، دېھقان ئىشچىلار ۋە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئۇللۇق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش، زامانىۋى ئېنېرگىيە - ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى بەرپا قىلىش، رەقەملىك ئىقتىساد باج تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولۇپ ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، يادرولۇق، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش بويىچە پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق. بۇ مەزگىلدە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قوللاپ، دىققەتنى ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم، زور تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر يۈرگۈزۈشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن ئالىي مەكتەپلەر قول تۇتۇشۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بىلەن «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپچىلىك سۆزىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىقى ۋە ئىجادىيلىقى ناھايىتى كۈچلۈك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ شاڭخەينى قوغداش جېڭى قىلدۇق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن سىناققا بەرداشلىق بەردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. قىيىنچىلىقنى كۆرۈش بىلەن بىللە، خەۋپ - خەتەر ئىچىدىمۇ پۇرسەت بارلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك، پەقەت بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي ياخشى قىلساقلا، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرالايمىز، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىر پۈتۈن گەۋدە، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تونۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باھالاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت ئېھتىياجنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك، مالىيە، پۇل سىياسىتى جەمئىيەت ئېھتىياجىدىكى يېتەرسىزلىكنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى خەۋپ - خەتەر، سىناقلارنى يېڭىش كېرەك. ئىككىنچى، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. ئۈچىنچى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي يۆنىلىشنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى، ئېسىل ئەنئەنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى، ئەۋزەللىك، ئالاھىدىلىكنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، كىشىلەر قەلبىگە ئىلھام بېرىشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سۇن چۇنلەن، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، خۇاڭ رۇڭ، دۇ يىڭفېن قاتارلىقلار بار.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ