مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.08.01 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئوچۇق نەزەرىيە، يەرلىكلەشتۈرگەندە ئاندىن جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىدۇ، دەۋرلەشتۈرگەندە ئاندىن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە ئورتاق تىرىشىشىدا، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئېچىپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، كۈنسېرى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ بارماقتا، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. ماركسىزمنى يەرلىكلەشتۈرۈش، دەۋرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقەت نۇرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇش ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دەۋر تومۇرىنى دەل ئىگىلەپ، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېل، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ديۇكانوۋ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، 70 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە، سول قانات سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى توردا يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ