مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو قېزىلما بايلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەن جېڭ قاتناشتى ھەمدە شىركەتنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى

2022.08.02 08:56 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو قېزىلما بايلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 7–ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم شىركەتنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

  جۇڭگو قېزىلما بايلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ مۇھىم قېزىلما بايلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى شېرىكسىز شىركەت ۋە دۆلەت ھوقۇق بەرگەن مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەت ئېچىۋېتىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قېزىلما بايلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىسى بەرپا قىلىدۇ.

  ۋاڭ يۇڭ، خې لىفېڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر، شۇنداقلا ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، كەسپىي جەمئىيەتلەردىكى مەسئۇل يولداشلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 120 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ