مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەھەتتە دادىل ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك

2022.08.22 09:00 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8–ئاينىڭ 16–كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، شېنجېندا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك. لى كېچياڭ شېنجېن شەھىرىنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ لىڭچۇاڭ تيەنشيا ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر دەسلەپكى مەبلەغ بىلەن قوللاشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: خەۋپ –خەتەر سېلىنمىسى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلار تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى ھالقىلىق باسقۇچىدا ئۇلارغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتا ھەم باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا باشلامچى بولۇش، ھەم جاھاننىڭ كەڭرىلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  لى كېچياڭ يەنتيەن پورتىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق دېدى: يەنتيەن پورتى جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى مۇھىم پورت، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى، پورتتىكى يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇشنىڭ راۋانلىقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى داۋاملىق ساقلاپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يەر ئىلگىرى شورلۇق ئېتىز ئىدى، ھازىر «كۈمۈش ئېتىز»غا ئايلاندى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا يۈك ساندۇقى غول لىنىيەسى پورتى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ «ئالتۇن ئېتىز»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: سىرتقا ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شېنجېن شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. بىيادى شىركىتىدە ئۇ كارخانىلارنى ئىلىم-پەن روھى بىلەن ھۈنەرۋەن روھىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى قوللايدىغان ئالاقىدار باج سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى كېڭەيتىش كېرەك. شىركەت مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت نۆۋەتتە 500 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ يىل ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان، لى كېچياڭ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى ياراتتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەدىلىمۇ كارخانىنىڭ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز ھەم ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا -سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز، ھەم پۇقراۋى چوڭ كارخانىلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى، سەرخىللىشىشىنى قوللىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىككىدە «قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە شېرىكلەشكەن كارخانىلار قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىلارغا سىياسەت جەھەتتە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ۋە شېنجېن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، گۇاڭدۇڭ بىرىنچى ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىگە، شېنجېن تەرەققىي قىلىپ خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى ۋە ئىقتىسادىي تايانچلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. گۇاڭدۇڭدىن ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغانىكەنمىز، دۆلەتمۇ سىياسەت جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ. سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى گۇاڭدۇڭنىڭ پىشىپ يېتىلگەن تۈرلىرىگە مايىللىشىپ، چىڭ تۇتۇپ ماددىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ تۈرلەرنىڭ ئۈنۈمى ۋە پايدىسى بار، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن گۇاڭدۇڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. گۇاڭدۇڭ نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ يىل گۇاڭدۇڭ بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يۈكىنى كۆپەيتمەي، بازار سۇبيېكتلىرىنى، سىرتتىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. گۇاڭدۇڭ سەرخىل قوشۇننى مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك.

  تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلىدە، لى كېچياڭ مەخسۇس ليەنخۇاشەن باغچىسىغا بېرىپ، دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى.

  لى كېچياڭ گۇاڭدۇڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. شياۋ جيې ھەمراھ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ