مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مالتا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «جۇڭگو كۆزنىكى»دىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يازدى

2022.08.11 22:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالتا سان ماگېرىت ئوتتۇرا مەكتىپى «جۇڭگو كۆزنىكى»دىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، مالتادىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگو-مالتا ئادىمىيەت ئالاقىسىگە پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالتانىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، سان ماگېرىت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «جۇڭگو كۆزنىكى» مالتادىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن مالتانىڭ دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىشىدا پائال رول ئوينىدى. «جۇڭگو كۆزنىكى»نىڭ تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۆگىنىشىنى قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆز دۆلىتىنى ياخشى ئىدارە قىلىش، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش — جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە بولغان گۈزەل ئىستىكى، شۇنداقلا بۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت مەنبەسى. بىز ياشاۋاتقان دۇنيادا تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەن، ئۈمىد بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت، ئىنسانىيەت تەقدىرى زىچ باغلانغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالغاندىلا، ئىنسانلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو دۇنيا تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەلقئارا خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ كۈچ توپلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن مالتا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە چىقىشىپ ئۆتۈشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مالتادىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن مالتانىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا پائال قاتنىشىپ، مەدەنىيەتنى ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى ۋە خەلق دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سان ماگېرىت ئوتتۇرا مەكتىپى مالتادىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇنىۋېرسال مەكتەپ، بۇ مەكتەپ 2010-يىلى جۇڭگونىڭ قوللىشى ئارقىسىدا «جۇڭگو كۆزنىكى»نى قۇرغان. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەكتەپنىڭ «جۇڭگو كۆزنىكى»دىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «يوسۇننامە» ناملىق كىتابتىكى «ئوقۇمۇشلۇقلار دۇنيانى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ قارايدۇ» دېگەن نەقىلنى ئېلىپ، ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، مالتا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، مالتا بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ