مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىقتىسادنى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولۇشتىكى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2022.08.17 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16-ئاۋغۇست شېنجېندا ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ سۆز قىلدى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شۈ كۈنلىن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خاۋ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جۇ نەيشياڭ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ كەي، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ چياڭ سىنلىق سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2-پەسىلدە ئىقتىساد دۇچ كەلگەن مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن زەربىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، 6-ئايدا ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مەنپىي ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم ئاشتى. 7-ئايدا ئىقتىساد داۋاملىق ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلدى، لېكىن يەنىلا ئازراق داۋالغۇش بولدى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقىلا بولىدۇكى كەتكۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھازىر ئىقتىساد مۇقىملىشىدىغان ھەم ئەڭ كۈچەيدىغان پەيتتە، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش، تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتتا بىخەتەر بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى ئەھۋالغا قارىتا ماكرولۇق سىياسەت سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا پۇختا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئالتە ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %45 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى «تۈۋرۈك». ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر دادىللىق بىلەن چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ سىياسەت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى غول لىنىيەسى، مىكرو ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشمۇ مالىيە مەنبەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسى. ئالتە ئۆلكىدىكى دېڭىز بويىدىكى تۆت ئۆلكىنىڭ يەرلىكنىڭ مەركەز مالىيەسىگە تاپشۇرغان ساپ تۆھپىسىنى % 60تىن ئاشۇرۇپ، مالىيەدە يۇقىرىغا تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ جايلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ھەر قايسى ئۆلكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى جانلاندۇرۇپ، مالىيە كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، مالىيە كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»، بولۇپمۇ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش چىقىمى، ئاساسىي قاتلام مائاشىنىڭ تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بازار سۇبيېكتى مۇقىم بولسا، ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولىدۇ. ئالتە ئۆلكىدىكى بازار سۇبيېكتىنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، %40 تىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق ياخشى «باش رولچى» بولۇپ، ئۆز جايى ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئېھتىياجنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت. ئىقتىسادى چوڭ ئۆلكىلەردە نوپۇس كۆپ، شۇڭا كۆپرەك ئامال قىلىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، تۇرالغۇنىڭ مۇتلەق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك ئېھتىياجىنى قوللاش كېرەك. ھازىر جايلارنىڭ مەخسۇس زايوم قالدۇقى قەرز چېكىگە يەتمىدى، شۇڭا قەرز چېكى بوشلۇقىنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇپ، تارقىتىلغان يەرلىك مەخسۇس زايوم ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەر قانچە كۆپ بولسا، جايلار ئېرىشىدىغان مەبلەغ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. جايلار پىشقان تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 3-پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ۋە مۇناسىپ ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادى چوڭ ئۆلكىدە بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە. ئىسلاھات جەھەتتە داۋاملىق دادىل ئىزدىنىپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئالتە ئۆلكە ئىمپورت-ئېكسپورت ۋە چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60 ىگە يېقىنلىشىدۇ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودىنى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ