مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جۇڭگو-كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش سودا ھەمكارلىقى مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

2022.08.26 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-ئاۋغۇست جۇڭگو-كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىدە سىنلىق سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيە دېڭىز ئارقىلىق بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان قوشنا، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تارىخى ئۇزاق. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىشىپ تۇرىدۇ. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپكە غايەت زور بەخت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پائال تۆھپە قوشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللارغا دۇچ كەلمەكتە. تىنچلىق، مۇقىملىقنى كۆزلەش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يەنىلا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. جۇڭگو كورىيە بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن 30 يىلنى ئاچتى. ئىككى تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىلغار ياسىمىچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بالدۇرراق جۇڭگو ـ كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2 ـ باسقۇچلۇق سۆھبىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە رايونلارنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشى كېرەك. «جۇڭگو ـ كورىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى« نى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خادىملار ئالاقىسىنىڭ» تېز يول« لىق رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن ھەمدە بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز داۋاملىق بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگونى باشتىن ـ ئاخىر ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى مەبلەغ سالغان» مۇنبەت تۇپراق«قا، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان» ئېگىزلىك«كە ئايلاندۇرىمىز. كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، يېڭى ھەمكارلىق كۆزنىكىنى ئېچىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كورىيە دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خەن دېجۇ كۆرۈنمە چاستوتىدا سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ