مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ دۇنيا كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تەرەققىيات يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.08.23 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  8 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنيا كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تەرەققىيات يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسپىي مائارىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ كەسپىي مائارىپ جەھەتتىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  دۇنيا كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تەرەققىيات يىغىنى شۇ كۈنى تيەنجىندە ئېچىلدى، باش تېمىسى «يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى: يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى شەكىل، يېڭى ماھارەت» بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ