مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23- قېتىملىق يىغىنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يىغىندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش» نى چۆرىدەپ سۆز قىلىندى، ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى

2022.08.24 14:01 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى 23-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، دائىمىي كومىتېتنىڭ 11 ئەزاسى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش»نى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ئوۋياڭ زېخۇا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ليۇ مۇرېن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سۇپا ئىگىلىكى قوبۇل قىلغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ سانى ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، تېز يوللانما، توردا زاكاز قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل، تاماق يەتكۈزۈش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق تۈرلىرى مول ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شيې رۇ پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇشنى، سىرتقا چىقىش بىلەن يۇرتىغا قايتىشنى، كاپالەتلىك قىلىش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشنى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى «تاماق قاچىسى»نى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزسى ليۇ ۋېي: 2022-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە نۇقتىلىق كۈچەپ، ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسپ ئىزدەش، ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە پائال رول ئويناش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋەن جيەنمىن 3-سىنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى، دوختۇرلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قوشۇننىڭ «يېتەكلەش، تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، خىزمەت، تۇرمۇش ۋە تەمىنات شارائىتىنى ياخشىلاپ، كەسىپ شان-شەرەپ تۇيغۇسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش قىزغىنلىقى ۋە يېزىدا قېلىش ئارزۇسىنى قوزغىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى يۈ گېشېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەت، قانۇن-نىزاملارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان مېيىپلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى لى خېپىڭ جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، شەخسلەر تۇغۇت تەننەرخىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش ۋە پەرۋىش قىلىش باسقۇچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چېن رۇڭشۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىشسىزلىقنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گۈللەندۈرۈش پىلانى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جاۋ جېنشيەن بىناكارلىقتىكى چوڭ ياشتىكى ئىشچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، سۇغىرتىنى ئېلىش ۋە يۆتكەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇرتىغا قايتىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بىناكارلىقتىكى چوڭ ياشلىق ئىشچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ليۇ شياۋجۇاڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى زورايتىپ، يېڭىچە كەسىپ ھالىتىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇرتىغا قايتقان، يېزىدا قالغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە پايدىلىق ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى لىن جيەنيۆ مۇنداق تەكلىپ بەردى: چوڭ قولتۇق رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىش، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ جەنگۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ