لى كېچياڭ گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

2022.08.24 12:55 مەنبە: خەلق تورى

  8- ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا گوللاندىيە باش ۋەزىرى مارك رۇتتې بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا گوللاندىيە باش ۋەزىرى مارك رۇتتې بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئوچۇق ئىقتىسادىي گەۋدە، شۇنداقلا مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلاردىن. بۇ يىل جۇڭگو ـ گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، جۇڭگو ـ گوللاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، سۆھبەت ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، ئىقتىساد-سودا، قاتناش، يېڭىلىق يارىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو گوللاندىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گوللاندىيە ياۋروپادىكى مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو-گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.

  رۇتتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. گوللاندىيە جۇڭگو بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك، ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گوللاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ