مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئودىن ھال سورىدى

لى كېچياڭ كىشىدا فۇمىئوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

2022.08.25 00:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئوغا تېلېگرامما يوللاپ، كىشىدا فۇمىئودىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم، سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ، كىشىدا فۇمىئودىن ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ