مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ بىلەن جۇڭگو - كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.08.26 09:09 مەنبە: خەلق تورى

  8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كورېيە دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك يېقىن قوشنىلار، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو - كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 30 يىلدا مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى، 30 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىدە شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب، ئىككى تەرەپنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشقانلىقىدا؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، سەمىمىي ئالاقىلىشىش ئارقىلىق چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى كۈچەيتكەنلىكىدە؛ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدا؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايوننىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىغانلىقىدا. بۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ۋە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، جۇڭگو - كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن كىرىزىس ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتەلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن كورېيە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. مەن جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ يىن شىيۆ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - كورېيە ئىككى تەرەپنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا يېتەكلەشنى خالايمەن.

  يىن شىيۆ تەبرىك خېتىدە كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىشتىسى، مۇناسىۋىتى ئۇزاق. 1992 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەتنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 50 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشى نەچچە ئون ھەسسە كۆپەيدى، مول رەڭدار مەدەنىيەت ئالاقىسى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئاساسلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقلىرىنىڭ قوللىشىدىن بولغان. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېفونلاشقاندا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھىنى ئاساس قىلىپ، يېڭى ھەمكارلىق يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، ساغلام يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ماھىيەتلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ھەقىقىي ھېس قىلالايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كورېيە دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خەن دېجۇ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان مەڭگۈلۈك قوشنا، شۇنداقلا ئايرىلالمايدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. خەن دېجۇ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كورېيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرى، مەدەنىيەت، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ