مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك

خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.08.28 22:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى يىغىنى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، پەن-تېخنىكا تۈپ ھەل قىلغۇچ كۈچ. ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ئىلمىي ماقالىنى كەڭ زېمىنغا يېزىپ، نەتىجىلەرنى مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى چۆرىدەپ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك!

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رېئال ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلا سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىپ، زامانىۋى ئەسلىھە تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇل خىزمەتنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى توپلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نەتىجە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۇپا تىرىكى ۋە خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ياخشى يولغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە قوللاش كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بازارلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر يىلى يېڭى ئىلگىرىلەش بار بولۇشقا، يېڭى ئۈنۈم يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندىن بۇرۇن، خۇ چۈنخۇا نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم 2022-يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى سودا پائالىيىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ