8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭگو - ئافرىقا تاراتقۇلىرى ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو - ئافرىقا تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئافرىقا تاراتقۇلىرى سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو - ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، تىرىشىپ ئادىمىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولغۇچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىغۇچى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا ھېكايىسىنى ئورتاق ياخشى سۆزلەپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تارقىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا تاراتقۇلار ھەمكارلىقى مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «يېڭى ئارزۇ، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى ھەمكارلىق» بولۇپ، جۇڭگو دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئافرىقا رادىيو ئىتتىپاقى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ