مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پاكىستاندا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز شېرىفكە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.08.31 10:56 مەنبە: خەلق تورى

  8- ئاينىڭ 29-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پاكىستاندا ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىندا پاكىستاندا ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم يارىلىنىش- ئۆلۈپ كېتىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقتى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىلانغانلار ۋە ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلاردىن ۋە «جانجىگەر» دوستلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئۇزاقتىن بۇيان ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، پاكىستان تەرەپنى داۋاملىق جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، پاكىستان تەرەپنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بالدۇرراق كەلكۈن ئاپىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز شېرىفكە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ