مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك

خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.08.31 10:52 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 29-كۈنى، گوۋۇيۈەن 10- قېتىملىق مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇرەككەپ، كەسكىن مۇھىتتا مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. بىز بىر تەرەپتىن، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى مالىيە، پۇل سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، يەنە بىر تەرەپتىن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردۇق، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ، زەربىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چارىسى ئارقىلىق ماكرولۇق سىياسەت ئۈنۈمى ئاشۇرۇلۇپ، باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش بويىچە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى ئارقىلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا ياردەم بېرىلدى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بازار سۇبيېكتى ئۈچۈن «تۇپراقنى ياخشىلىغانلىق»، ماكرولۇق سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش «سۇغىرىش، ئوغۇتلاش» بولۇپ، ئىككىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەسسىلەپ ئېشىش ئېففېكتى ھاسىل قىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇلۇپ، مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈلدى، يەنە باستۇرۇپ سۇغىرىش يولغا قويۇلماي، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئەمەلىيەتتە قويۇۋېتىش، جانلاندۇرۇش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاممىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى، كارخانا قۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشتا بولۇپ، ھەم نىشانغا ئۇيغۇن، ھەم مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى. نۆۋەتتە بازار سۇبيېكتى 160 مىليوندىن كۆپ بولۇپ، ئون يىل ئىلگىرىكىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە سودا-سانائەتچى 100 مىليوندىن ئاشتى. كۆپلىگەن چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك بازار سۇبيېكتلىرى يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بىر قاتلىنىشى، مالىيە كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىگە يېقىن ئېشىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۈستىگە ئالدى. باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشمۇ باج مەنبەسىنى ساقلاپ قالدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاپشۇرغان بېجى ئوخشاش مەزگىلدىكى باج كېمەيتىشتىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. ھۆكۈمەت پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىپ، نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، ياسىمىچىلىق ۋە ئادەتتىكى مۇلازىمەت كەسپىنى نۇقتىلىق قويۇۋېتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قالدى. مەمۇرىيەت ئىخچاملانغان بىلەن مەسئۇلىيەت كېمەيتىلمەي، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇلۇپ، ئادىل رىقابەت قوغدالدى. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشتا، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق چېگراسى بولغان قانۇن-نىزام ئارقىلىق بازار سۇبيېكتى ۋە ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى، قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقى قوغدالدى. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە قايتا بەرپا قىلىنىپ، تىرىشىپ ئامما ۋە كارخانىلار ئىش بېجىرىشتە باشقىلارغا يالۋۇرماسلىق ۋە ئاز قاتراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى قوزغىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2-پەسىلدە ئىقتىساد مۆلچەردىن ھالقىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. نۆۋەتتە، ئىقتىسادنى مۇستەھكەملەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىي ۋەزىپىسى ئېغىر. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. بىز يېڭى خىرىسقا قارىتا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما سىياسەتلەرنى كەسكىن چىقىرىپ، ۋاقتىدا، تېز، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ئاساسىي گەۋدىسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىشىمىز كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى قاتناشتى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەم سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ