مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «لىسبون مارۇ» ناملىق پاراخوتتىكى ھايات قالغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە جاۋاب خەت يازدى

2022.08.29 09:35 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «لىسبون مارۇ» ناملىق پاراخوتتىكى ھايات قالغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى داۋاملىق جۇڭگو ـ ئەنگلىيە دوستلۇقى ئۈچۈن پائال كۈچ چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردى، تېخىمۇ كۆپ ئەنگلىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1942 ـ يىلى جۇڭگو جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جوۋشەن ئارىلىدىكى بېلىقچىلارنىڭ «لىسبون مارۇ» ناملىق پاراخوتتىكى ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم دەلىلى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقىدەك تارىختا تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىش. مەن بۇ تارىخنى ناھايىتى پىششىق بىلىمەن، 2015 ـ يىلى مەن ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ئالايىتەن بۇ ھېكايىنى سۆزلىگەنىدىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو ـ ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، دەل ئىككى دۆلەتتىكى سانسىزلىغان دوست زاتلارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بولغانلىقتىن، جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلىدى. «لىسبون مارۇ» ناملىق پاراخوتتىكى ھايات قالغۇچىلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ جۇڭگو ـ ئەنگلىيە دوستلۇقىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ ئەنگلىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  1942 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، ياپونىيە ئارمىيەسى «لىسبون مارۇ» ناملىق يولۇچىلار يۈك پاراخوتىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ ئىشلىتىپ، 1800دىن ئارتۇق ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى شياڭگاڭدىن ياپونىيەگە يالاپ ئېلىپ مېڭىپ، جوۋشەن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، 843 نەپەر ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەر قازا قىلغان، 384 نەپەر ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى شۇ جايدىكى بېلىقچىلار جان پىدالىق بىلەن قۇتقۇزۇۋالغان، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. رەئىس شى جىنپىڭ 2015 ـ يىلى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە «لىسبون مارۇ» قۇتقۇزۇش ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ، جۇڭگو ـ ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ئورناتقان دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. يېقىندا، «لىسبون مارۇ» ناملىق پاراخوتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ھايات قالغۇچى مولىنىڭ قىزى ۋېينى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇۋالغان مېھىر ـ شەپقىتىنى مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئەسلەپ، ئەنگلىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنى قەتئىي قوللىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ