مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتىدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى ئىلھاملاندۇردى

جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇڭلار

2022.08.29 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتىدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلدىڭلار، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىڭلار بار، ھەممىڭلار جۇڭگونى قىزغىن سۆيىسىلەر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىسىلەر، جۇڭگونىڭ سىرتقا قارىتىلغان تەرجىمە، نەشرىيات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار. چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، سىلەرگە ۋە پۈتۈن نەشرىياتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  تەرجىمە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم خىزمەت. جۇڭگو تارىخىدا بۇددا نوملىرى جۇڭگو تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، يېقىنقى زاماندىكى غەرب ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ئەسەرلىرى جۇڭگو تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان، 17 -، 18 - ئەسىرلەردە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت كىلاسسىك ئەسەرلىرى ياۋروپادا تارقىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىدە ئىجابىي رول ئوينىغان. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى. دەل جايىدا، جانلىق تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئۇزاق مۇددەت جۇڭگودا خىزمەت قىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللەت ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات مۇساپىسىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە. سىلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىڭلارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان تىل ۋە مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇرمەننى جۇڭگونى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىڭلارنىڭ خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2022- يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتىدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، پۈتۈن نەشرىياتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلدىڭلار، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىڭلار بار، ھەممىڭلار جۇڭگونى قىزغىن سۆيىسىلەر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىسىلەر، جۇڭگونىڭ سىرتقا قارىتىلغان تەرجىمە، نەشرىيات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرجىمە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم خىزمەت. جۇڭگو تارىخىدا بۇددا نوملىرى جۇڭگو تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، يېقىنقى زاماندىكى غەرب ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ئەسەرلىرى جۇڭگو تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان، 17 -، 18 - ئەسىرلەردە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت كىلاسسىك ئەسەرلىرى ياۋروپادا تارقىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىدە ئىجابىي رول ئوينىغان. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى. دەل جايىدا، جانلىق تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئۇزاق مۇددەت جۇڭگودا خىزمەت قىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللەت ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات مۇساپىسىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە. سىلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىڭلارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان تىل ۋە مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇرمەننى جۇڭگونى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى 1952 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ يېڭى جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان سىرتقا قارىتىلغان نەشر ئاپپاراتى. 70 يىلدىن بۇيان، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى 40 نەچچە خىل يېزىقتا 30 مىڭ خىلدىن ئارتۇق كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى، بۇ، رەھبەرلەر ئەسەرلىرى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ھۆججەت - ئەسەرلىرى، دۆلەت ئەھۋالى ئوقۇشلۇقى، مەدەنىيەت كىلاسسىك ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەر شارى بويىچە تارقىتىلىشى 400 مىليون پارچىدىن ئاشىدۇ. يېقىندا، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتىدىكى چەت ئەللىك بەش مۇتەخەسسىس رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا قاتنىشىش جەريانىدىكى چوڭقۇر تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، دۇنيانى جۇڭگونى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ