مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36- يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى

2022.09.02 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36- يىغىنى 1- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ھەم مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ۋېييۈەنجاڭ لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.


  مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭ شېن يۆيۆ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن يۈەن سى، دۇ شۇخۇا، لۈ سەيشيا، جياۋ يۇڭ، ۋاڭ يى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ يۈجېن قاتارلىقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قانۇن بويىچە قوغداش، مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سوئال سورىدى.


  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردى.


  لى جەنشۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدە قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خىزمەت نازارەتچىلىكىنى سىجىل كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى پۇختا قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. مۇھىت ئاسراشقا دائىر توققۇز مەخسۇس قانۇن ۋە ئالاقىدار قارارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، بۇ يىل مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشمۇ مۇشۇ نۆۋەتلىك قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى خۇلاسىلەش ۋە باھالاش ھېسابلىنىدۇ. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە بىر قاتار غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تاغلار دائىم ياپيېشىل، سۇلار سۈزۈك، ھاۋا دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان گۈزەل جۇڭگو پىلاندىن قەدەممۇقەدەم جانلىق رېئاللىققا ئايلانماقتا.


  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانات يايدۇرغان ھەر قېتىملىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى چۆرىدەپ، سىجىل نازارەت قىلىش ۋە ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بۇنى داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.


  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يانداش نىزام ۋە تۈزۈم ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەرنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ماھىر بولۇشى، پۈتكۈل جەمئىيەت ئاڭلىق ھالدا قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇندىن پايدىلىنىشى، ئەمەلىي خىزمەتتە بىر - بىرلەپ قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپ ۋە سوئال سوراش قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ياخشىلاپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.


  ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن مۇھىت ئەھۋالىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەملىنىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچلۈك پۇرسەت دەپ بىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.


  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن يۈەنجاڭلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ