مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.09.02 15:46 مەنبە: خەلق تورى

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، يەرشارىۋى مۇلازىمەت كەسپى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت ساھەسىدىكى بازار ئىجازىتىنى ئۈزلۈكسىز قويۇۋېتىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك مۇلازىمەت كەسپىدە ئوچۇق تۈزۈم سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان مۇلازىمەت ئىقتىسادىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  2022 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «مۇلازىمەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل يېڭىلىق يارىتىپ كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىش» بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ