لى جەنشۇ رۇسىيە، موڭغۇلىيە، نېپال ۋە كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ ھەم رۇسىيەدە 7-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2022.09.07 01:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋولوكىن، موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارىنىڭ رەئىسى زاندان ساتار، نېپال ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ساپۇكوتا، كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى جىن جېنباۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە رۇسىيە، موڭغۇلىيە، نېپال ۋە كورېيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە رۇسىيەدە 7-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ