مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ خۇنىڭ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومىنىڭ نەشر قىلىنىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2022.09.05 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومىنىڭ نەشر قىلىنىش سۆھبەت يىغىنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئەڭ يېڭى دەرسلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.


  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەڭ يېڭى تۆھپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمىنىڭ روشەن مەيدانى ۋە قىممەت ئىنتىلىشى نامايان قىلىنغان، بىر قاتار ئىجادىي مۇھىم، زور ئىدىيەۋى قاراش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىلگەن، دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئىدىيە ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مۇھىم ئىدىيەنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1-تومىدىن 4-تومىغىچە بولغان قىسمىنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تارقىتىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە-ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو-چەت ئەل يېزىقى نەشرىيات-تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆز قىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ