مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 27 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بايلىق تېجەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2022.09.08 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 27 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئاكادېمىكلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «بايلىق تېجەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.



  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان روشەن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، بىرقانچە مۇھىم ساھەدە رىقابەت ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاكادېمىكلارنى تاللاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاكادېمىكلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكادېمىك دېگەن نامنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شان - شەرەپكە، ئىلمىيلىككە ئىگە قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايلىق تېجەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش، ئىلمىي تەقسىملەش، ئومۇميۈزلۈك تېجەش، ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە، سۇ، ئاشلىق، يەر، قېزىلما بايلىق، خام ماتېرىيال قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرتنى چىڭىتىپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات داۋامىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا - كەنت داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلىنەلەيدىغان، سىستېمىلىق، سىجىل داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.



  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.



  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ، ئىقتىساد ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە نۇقتىلىق ساھە ھەم مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئېغىزىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇللۇق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق بولغان تەدبىر بەلگىلەش قوماندانلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەشكىلىي ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ، ساھە ھالقىغان، پەن ھالقىغان ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پەن - تېخنىكىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تېز ئۆزگەرتىپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.



  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاكادېمىك دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ۋە قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئالىي شەرەپ نامى، ئىككى ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلار يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئاكادېمىكلارنى تاللاش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، پېنسىيەگە چىقىش، چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىلىم ئىستىلى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاكادېمىكلار تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق. مۇھىم، زور پەن تەتقىقات ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرىدا ئاكادېمىكلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم، زور تۆھپە، ئىلىم سەۋىيەسى، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۆلچەم قىلىپ، كۆپەيتىپ سايلاش جەريانىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاكادېمىكلارنىڭ پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەن تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئىستىل، ئىلىم ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي خاراكتېرلىك بولمىغان ئامىللارنىڭ كاشىلىسىنى تۈگىتىش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئاكادېمىكلارنىڭ پەن تەتقىقات ئەخلاقى ۋە ئىلىم قائىدىسى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلىم ۋە پەن تەتقىقات ياخشى مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. كەڭ ئاكادېمىكلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر پەن تەتقىقات ۋەزىپىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، مۇھىم، زور ئىجادىي ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئىلىم مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ياش پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.



  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بايلىق تېجەش دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، دۆلەتنىڭ بايلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنېرگىيە، سۇ، يەردىن پايدىلىنىش سىجىللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئېنېرگىيە، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بايلىقنى تېجەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئېنېرگىيە تېجەپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، راھەتپەرەسلىككە، ئىسراپچىلىققا ۋە زىيادە ئىستېمالغا قارشى تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق تېجەشلىك بولۇشنى قەدىرلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، بايلىق كەمچىل بولۇش دەرىجىسى، ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش تەننەرخى، مۇھىت بۇلغىنىش بەدىلىنى نامايان قىلىدىغان بايلىق باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ سەرپىياتى، ماددىي ئەشيا سەرپىياتى ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، بايلىقنى ئىلمىي تەقسىملەش ۋە تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پايدىلىنىش بىلەن تېجەشنىڭ، ئېچىش بىلەن قوغداشنىڭ، ئومۇمىيلىق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ، قىسقا مۇددەتلىك بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بايلىقنىڭ ئېغىر، زور خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش، ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك.



  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم، زور تەڭشەشكە چېتىلىدۇ، جەزمەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان ناھىيە (شەھەر، رايون)لارنىڭ سانىنى مۇۋاپىق، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان قىلىش كېرەك. ئوخشاش يەرگە قارىتا ئوخشاش ھوقۇق، ئوخشاش مەسئۇلىيەت بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلانغا ئۇيغۇن كېلىش، ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە قانۇن بويىچە ئېرىشىش ئالدىنقى شەرتىدە، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش يېرى بىلەن باراۋەر بازارغا سېلىنىشى، ئوخشاش ھوقۇق، ئوخشاش باھادا بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىدا سودىلىشىپ، ئوخشاش قائىدىنى تەتبىقلاپ، بازارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن پىلانلاپ ئاندىن قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىتىلىش ئورنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يەرنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش پاسىلى قاتارلىق بوشلۇقنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.



  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاپپاراتلارنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. ناھىيە تەۋەسىدىكى داۋالاش - سەھىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى تەقسىملەش ۋە تەمىنات كاپالىتى مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىپ، كەسىپلەشكەن، قېلىپلاشقان يېزا - كەنت دوختۇرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا رايونلىرىنىڭ داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.



  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ