مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسوناروغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.09.09 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  9 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسوناروغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، بىرازىلىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرازىلىيە غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم تەسىرىنى جارى قىلدۇردى. يېقىندا، مەن زۇڭتۇڭ بولسونارو بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تەكشى، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بولسونارو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ