مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ 2022 - يىللىق مەملىكەتلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

​تىرىشىپ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك

2022.09.11 02:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تەبرىك خەت

2022 - يىللىق مەملىكەتلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن يىغىننى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مىليونلىغان ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم كۈچ. كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلىك ئىنچىكە ئىشلەپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ

2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)



شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 2022 - يىللىق مەملىكەتلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات يىغىنى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مىليونلىغان ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم كۈچ. كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلىك ئىنچىكە ئىشلەپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې سىنلىق شەكىلدە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.

2022 - يىللىق مەملىكەتلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە بولۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى مۇستەھكەملەش» بولۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. ئالاقىدار تارماقلار ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مەسئۇل تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ