مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قازاقىستان تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

​جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

2022.09.15 10:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ تەكلىپى بويىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى»دە «جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى» ناملىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:



  جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  بۇ گۈزەل ئالتۇن كۈز پەسلىدە، زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ تەكلىپى بويىچە، مەن پات ئارىدا دوستىمىز قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ، مېنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ، قازاقىستاندا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا 4 - قېتىم بۇ گۈزەل تۇپراققا قەدەم قويۇشۇم. قازاقىستاندا كەڭ بىپايان يايلاق، گۈزەل ھەيۋەتلىك تاغ - دەريالار، قىزغىن، مېھماندوست خەلق بار، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىمەن.

  جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تاغ - دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى بار بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇشىدىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل داستانىنى ئورتاق پۈتۈپ چىققان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىب شۈەنزاڭ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دىپلومات چېن چېڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى قازاقىستانغا زىيارەتكە بارغان، «شەرقتىكى ئارىستوتېل» دەپ ئاتالغان ئەل فارابى، « مەشھۇر شائىر» ئاباي قۇنانبايېف قاتارلىق قازاقىستاننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەخسلىرى جۇڭگودىمۇ ھەممىگە تونۇشلۇق، ئۇلار ھەققىدىكى ھېكايىلەر ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ مەدھىيەلىنىپ كەلمەكتە.

  بۇ يىل جۇڭگو - قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىل بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق، 30 يىل قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىدۇق. ئىككى دۆلەت ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ھەمكارلىقى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، بىرلىكتە قالتىس تەرەققىيات يولىنى ئاچتى.

  − 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە، يەنە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، تەڭداشسىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئورنىنى تۇرغۇزدى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى. ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان يادرولۇق مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى، باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلدى، باشتىن - ئاخىر قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈپ تۇردى. ئىككى دۆلەت بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان دوست ۋە ئۆزئارا قەدىرلەيدىغان ھەمراھ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى مەڭگۈ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرىدۇ.

  − 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھىلىق ئورنىدا مەزمۇت تۇردى. بۇلتۇر، ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يەڭدى، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى 25 مىليارد دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلگە قايتىپ كېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا بىرلىكتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو - قازاقىستان باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، 52 تۈرنى قاپلىغان، ئومۇمىي سوممىسى 21 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان تۈر تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردى، پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن جاناتاس 100 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىرى، جياڭخۇەي ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، چىمكەنت تاۋلاش زاۋۇتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەر قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت ياراتتى.

  − 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ھەرقايسى تەرەپلەرنى تۇتاشتۇردى، راۋانلاشتۇردى. ئىككى دۆلەت تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قاپلىغان ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولاشقان تۇتاشتۇرۇش تورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتى، ياۋروپا - ئاسىيانى كېسىپ ئۆتىدىغان، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇقلۇق، دېڭىز كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت «چوڭ تومۇر»ىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ تولۇق بەش جۈپ تاشيول پورتى، ئىككى جۈپ تۆمۈريول پورتىنىڭ ھەممىسىدە يۈك تىرانسپورتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ئەسلىگە كەلدى، ئىككى تەرەپ تۆمۈريول پورتىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش ئىشلىرى توغرىسىدا قويۇق ئالاقىلىشىشنى ساقلىماقتا. جۇڭگو - قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى قازاقىستان مەھسۇلاتلىرىنى تىنچ ئوكياندىن يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىدىغان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلىدى. قازاقىستاندىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى توختىماي قاتناپ ھەم يولنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  − 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. قازاقىستاندا كۇڭزى شۆيۈەنىدىن بەشى قۇرۇلدى، جۇڭگودىكى تۆت ئالىي مەكتەپتە قازاقىستان تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىندى، ئىككى مەكتەپتە قازاق تىلى كەسپى تەسىس قىلىندى، جۇڭگولۇق مۇزىكانت شيەن شىڭخەي بىلەن قازاقىستانلىق مۇزىكانت بايقاداموف توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلدى، قازاقىستانلىق كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى كاپېرابېكوف 24 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خېيلۇڭجياڭ داچىڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا 200 مىڭغا يېقىن جۇڭگولۇق كۆز كېسىلى ئاغرىقىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى. جۇڭگو - قازاقىستان پات ئارىدا ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، قازاقىستان ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا مەركىزى ۋە لۇ بەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق قەدىمى بارغانسېرى چوڭ تاشلاندى، خەلقنىڭ دوستلۇق ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملەنمەكتە.

  جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇنلۇق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ۋە يىل بويى جۇغلىنىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. بىز تەستە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجىلەرنى قەدىرلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ۋە جاسارەتلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن جۇڭگو - قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو - قازاقىستان ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى نىشان ۋە ئارزۇ قىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىمىز ۋە يىرىك پىلان تۈزىمىز.

  بىرىنچى، بىز ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، يۇقىرى قاتلام قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، سىياسىي پارتىيە، يەرلىكتىكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، زۇڭلىلار قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمى، جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى ۋە ھەرقايسى شۆبە كومىتېتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. كېلەر يىلى مەن 2013 - يىلى قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ ئون يىللىقى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئاساسنى پۇختىلاپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش، ئاساسىي رامكا تۇرغۇزۇشتىن ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىش، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشقىچە، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قارشى ئالىدىغان يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات بولدى. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋرنى كۆزلەپ، داۋاملىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پورت ۋە چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى كۈچەپ قايتا بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو - قازاقىستان تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، بىز ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يەشكىلى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئورتاق بولغان، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «<جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت> سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ ۋە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ.

  تۆتىنچى، بىز خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى، «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، رايون قىزىق نۇقتىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان يېڭى مۇساپىدىكى مۇھىم پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتىيى. بىز خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۇقكى، «يېڭى قازاقىستان» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، قازاقىستان «دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان 30 كۈچلۈك دۆلەت» قاتارىغا كىرىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن داۋاملىق ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە دوستانە ھەمكارلىق دەرۋازىسى قازاقىستان تەرەپكە مەڭگۈ ئوچۇق.

  قازاقىستاندا «دوستلۇق مەڭگۈ تۈگىمەس بايلىق» دەيدىغان ماقال بار. جۇڭگو تەرەپ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئىككى تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ئۆتۈش پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرسىلا، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى چوقۇم تېخىمۇ شانلىق 30 يىلنى كۈتۈۋالىدۇ.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ