مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022.09.14 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى كۈچەپ قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، بازار سۇبيېكتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ قىسمەن ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش قەرز پۇلىنىڭ باسقۇچلۇق مالىيە ياردەم ئۆسۈمى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كىرېدىت مەدىتىنى زورايتىپ، ئىستېمالنىڭ ئاساسىي تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا قارىتا باجنى كېمەيتىش سىياسىتى ئارقىلىق باسقۇچلۇق قوللاپ، كارخانىلارنىڭ سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يەرلىكنىڭ مەخسۇس قەرز قالدۇقىنىڭ چەكلىك سوممىسىنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنىڭ بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش بېكىتىلدى


  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9–ئاينىڭ 7–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى كۈچەپ قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، بازار سۇبيېكتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ قىسمەن ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش قەرز پۇلىنىڭ باسقۇچلۇق مالىيە ياردەم ئۆسۈمى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كىرېدىت مەدىتىنى زورايتىپ، ئىستېمالنىڭ ئاساسىي تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا قارىتا باجنى كېمەيتىش سىياسىتى ئارقىلىق باسقۇچلۇق قوللاپ، كارخانىلارنىڭ سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يەرلىكنىڭ مەخسۇس قەرز قالدۇقىنىڭ چەكلىك سوممىسىنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنىڭ بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش بېكىتىلدى


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىگىلىك تىكلەش تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى قالدۇقىدىن بېرىلىدىغان پۇلىنى 24 ئايدىن 18 ئايغا ئۆزگەرتىش كېرەك. ئىككى يىل ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، ئىشسىزلىققا تىزىملاتقان ياشلارنى ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئىشسىزلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ۋاقتىدا تارقىتىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، سۇپا ئىقتىسادىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. سۇپىغا تايىنىپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان قىيىنچىلىقى بار خادىملارغا، ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. مەخسۇس قەرز پۇل ئارقىلىق سۇپا كارخانىلىرىنى قوللاش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىپ، يۇقۇم تۈپەيلى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ پۇل قايتۇرۇش قەرەلىنى بىر يىل ئۇزارتىپ بېرىش كېرەك. بانكىلارنى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا تۇنجى قېتىم قەرز بېرىش، ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش، داۋاملىق قەرز بېرىش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، سۇغۇرتا مەبلىغى قاتارلىقلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش فوندىغا قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى پايچىكلىرىنىڭ سېتىشقا چەك قويۇش مۇددىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغنى يىغىۋېلىپ قايتا مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قاتارلىقلار بارلىق كۈچى بىلەن مەيدان ھازىرلاپ، يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنى ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەت، ئىستېمال ۋە سېلىنما ئارقىلىق ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، ئىجتىمائىي سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سېلىنما ئارقىلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاجىز ساھەلەرنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىش زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش __ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىكنىڭ رېئال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش، بازار ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئەمەلىي مەشىق بازىسى، دوختۇرخانا، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ۋە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇلىغا قارىتا باسقۇچلۇق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەركەز مالىيەسى 2.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈم ياردىمى بېرىشى، مۇددىتى ئىككى يىل بولۇشى كېرەك. ياردەم ئۆسۈم ئىلتىماس قىلىش بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ. پۇل سىياسىتىنىڭ سودا بانكىسىنىڭ يانداشما مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە بولغان قوللىشىنى مۇناسىپ كۆپەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بانكىنى مائارىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت، سەھىيە ۋە چېنىقىش، كۈتۈنۈش- پەرۋىش، مەھەللە ۋە ئائىلە مۇلازىمىتى، مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كەسىپلەرنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئىستېمال ۋە سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللايدىغان باسقۇچلۇق باج كېمەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، مۇددىتى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولۇشى كېرەك. بۇ ھەممىگە نەپ يەتكۈزىدۇ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ. بىرىنچىدىن، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ بۇ يىل 4-پەسىلدە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش چىقىمىدا، شۇ يىلى بىر قېتىمدىلا باجدىن بۇرۇن تولۇق سومما بويىچە تۇتۇپ قېلىشقا ھەمدە %100 قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يەرلىك ۋە مەركەز مالىيەسى يەنىمۇ قوللايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ يىل 4-پەسىلدە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان %75 نىسبەت بويىچە باجدىن بۇرۇن تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى قوشۇپ ھېسابىنىپ، تۇتۇپ قالىدىغان ساھەلەرنىڭ تۇتۇپ قېلىش نىسبى بىرتۇتاش %100كە ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاشقا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، كارخانىلار مەبلەغ قوشقان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي تەتقىقات چىقىملىرىغا قارىتا، باجدىن بۇرۇن تولۇق سومما بويىچە تۇتۇپ قېلىش ھەمدە قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلار تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، مەبلەغ سېلىش بوشلۇقى چوڭ، مەخسۇس قەرزدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: يەرلىكنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيانقى 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس قەرز قالدۇقى چېكىنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇپ، %70نى جايلار قالدۇرۇپ ئىشلىتىش، %30نى مەركەز مالىيەسى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش ھەم تۈرى كۆپ رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. جايلار 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تارقىتىپ بولۇشى، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە ئالدى بىلەن مەدەت بېرىپ، يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ماددىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.


  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ