خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوئاۋ لورېنسوغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ئانگولا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈلدى. مەن جۇڭگو-ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ لورېنسو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ