مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە يەرلىككە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم

خەن جېڭ قاتناشتى

2022.09.13 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە يەرلىككە بېرىپ نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ئىككى تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى 16 ئۆلكىگە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن باشلامچىلىق بىلەن يەرلىككە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، نەق مەيداندا بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلدى. يەرلىك ئىنكاس قىلىپ: خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ياردىمى دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. بۇ، يەرلىككە بولغان كۈچلۈك قوللاش بولۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى؛ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش — «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش بولدى، دېيىشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشماقتا، لېكىن ئازراق داۋالغۇش بار، دەل شامالغا قارشى داۋانغا يامىشىشتىكى ئۆتكەلگە كەلدۇق، چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەر ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، داۋاملاشما سىياسەتلەرمۇ كەسكىن يولغا قويۇلدى، سىياسەت كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئاچقۇچ __ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇشتا. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتا بازار سۇبيېكتىغا تايىنىش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنى قوغداش بىلەن بىللە، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك زىددىيەتكە قارىتا، ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، بازار سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن ئېھتىياج يارىتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىياسەت خاراكتېرىدىكى ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنىڭ سوممىسىنى يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆپەيتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىش باشلانغان تۈرلەرنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سودا بانكىلىرىنىڭ تۈرنى يولغا قويۇشقا مۇددەتتىن بۇرۇن قاتنىشىشى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇلنى تولۇق سەپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى بىر نەچچە ئېيىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەلئارا كاپىتالنىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بىر تۈركۈم ئۈلگە تۈرلەرنى يولغا قويۇش لازىم. باسقۇچلۇق مالىيە ياردەم ئۆسۈمى، تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاجىز ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىپ، ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىك بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت قورالى ساندۇقىدىكى كۆپ خىل قوراللارنى ئىشلىتىش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس قەرز پۇل ئارقىلىق سۇپا كارخانىلىرىغا مەدەت بېرىش كېرەك. بۇ بىر نەچچە يىلدا بىز ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلىدۇق، مالىيە قىزىل رەقىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرمىدۇق، ئارتۇق پۇل تارقاتمىدۇق، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، مال باھاسى مۇقىم بولدى. بۇ يىل سىياسەت چىقىرىش ئۈچۈن بىر قاتار سىياسەت قوراللىرىنى قالدۇردۇق. ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، سېلىنمىنى كېڭەيتىش قاتارلىق باسقۇچلۇق سىياسەت-تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىنى تولۇق ئىشلىتىپ، تېز ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى «توردا بار بولۇش» ھالىتىنى ساقلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، سېلىنمىنى كېڭەيتىشتىكى مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. 3-تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئەۋەتىش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆز ساھەسىدە تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يەرلىكنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى يەرلىك ئۆزى ئەمەلىي ئىشلەپ بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ