مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

2022.09.16 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن نۇرسۇلتانغا يېتىپ بېرىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. سۈرەتتە: قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تىلېۋبېردى، نۇرسۇلتان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى كولگىنوف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋالماقتا.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى


  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن نۇرسۇلتانغا يېتىپ بېرىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.


  قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تىلېۋبېردى، نۇرسۇلتان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى كولگىنوف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋالدى. 70 نەچچە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ھەربىي ئوركېستىر مېھمان كۈتۈش بۇرغىسىنى چالدى. چىرايلىق كىيىنگەن قازاقىستانلىق ئىككى قىز قولىدا گۈل تۇتۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تەقدىرداش ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىمىز. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت چوقۇم ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.


  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.


  جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.


  كۈز مەزگىلىدىكى نۇرسۇلتاندا، ئالتۇن كۈز شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ تۇراتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بايراق خادىلىرىدا ئوتقاشتەك قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ئولتۇرغان دۆلەت مېھمىنى ئاپتوموبىل ئەترىتى موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ قوغدىشىدا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلدى. زۇڭتۇڭ توقايېف ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى زالىغا كىردى.


  زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى زالى نەپىس، ھەيۋەتلىك بولۇپ، چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە، رەتلىك ئىدى.


  توقايېف شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ توقايېفنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى.


  قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، توقايېف شى جىنپىڭنى «قازاقىستان - جۇڭگو مىڭ يىللىق سۆھبىتى» سەنئەت كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. كۆرگەزمىگە قازاقىستان دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى قويۇلغانىدى. ھەربىر نەپىس جۇڭگو رەسىملىرى، فارفۇر بۇيۇملار، ھەمدە قازاقىستاننىڭ يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى، فارفۇر بۇيۇملىرى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيىتىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئالاقىسىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، نەتىجىسى تېخىمۇ مول بولدى. ئىككى دۆلەت ئالدى بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئالدى بىلەن چېگرا ھالقىغان نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ياتقۇزدى، ئالدى بىلەن خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، ئالدى بىلەن مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، كۆپ تۈردە «بىرىنچى»لىكنى ياراتتى. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قازاقىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قازاقىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو مەڭگۈ قازاقىستاننىڭ ئىشىنىشىگە، قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى، جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىللە ئۆزئارا تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدىغان كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇپ، ئۆزئارا تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇقى يىمىرىلمەس بولۇپ، دۇنيادىكى ئاكتىپ كۈچلەر ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى پۇختا، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ زۇڭلىلارنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى، ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق ھازىرقى مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يېڭى كۆلەم ۋە سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا پۇختا تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى، «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنى ئورتاق قوللاپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن «جۇڭگو - قازاقىستان تۆھپىسى»نى قوشۇشى كېرەك.


  توقايېف جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە قازاقىستاننى تاللىدى، شۇنداقلا بۇ دەل قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا توغرا كەلدى، بۇ، قازاقىستان - جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە قازاقىستان - جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز بىرلىكتە قوشما بايانات ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئالتۇن 30 يىلىنى ئېچىش ئۈچۈن قەتئىي كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمىز، بۇ، ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇقەررەر ھالدا قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولىدىغانلىقىغا، قازاقىستان - جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. قازاقىستان تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋالدا جۇڭگو تايىنىشقا بولىدىغان ياخشى ھەمراھ، ياخشى دوست. كېلەر يىلى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى، قازاقىستان تەرەپ داۋاملىق پائال قوللايدۇ ۋە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ قازاقىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىق، پەن - تېخنىكا، ساياھەت، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى، «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىقتىساد - سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، سۇچىلىق، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ شىئەن، ئاقتۆبىدە ئۆزئارا باش كونسۇلخانا تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.


  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ توقايېف ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.


  زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن نۇرسۇلتاندىن ئايرىلىپ سەمەرقەنتكە يۈرۈپ كەتتى. توقايېف ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.


  توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، مەزمۇنى مول، نەتىجىسى مول بولدى. بىز نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، بۇ، قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، ئىشىنىمىزكى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كەلگۈسىدە جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا پۈتۈشتى.


  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ