شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

«شاڭخەي روھى»غا ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى

2022.09.19 08:56 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتتىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، سۈن خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې، رەئىس دۆلەتنىڭ مېھمانلىرىدىن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا «دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل دەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. بۇ ئىككى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ئىدىيەۋى ئۇل تاش ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىر يېڭىچە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، قۇدرەت تېپىش يولىنى تەدرىجىي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىپ چىقىپ، مول ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر قاتار مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ شەكىللەندۈردى، يەنى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ بەش تۈرلۈك تەجرىبە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نى تولۇق نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «شاڭخەي روھى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىدىكى ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، تېخىمۇ مۇھىمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان تۈپ قوللانما. ئىلگىرى بىز «شاڭخەي روھى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، كەلگۈسىدە بىز يەنە «شاڭخەي روھى»غا ئەمەل قىلىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئاكتىپ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، دەۋر ئېقىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئۆزئارا قوللاشنى زورايتىش كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللاپ، ھەرقانداق باھانە - سەۋەب كۆرسىتىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق قاتنىشىپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، تەكشى، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. «ئۈچ خىل كۈچ»، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، توردىكى ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، سىرتقى ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكى قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كەلگۈسى بەش يىلدا ئەزا دۆلەتلەرگە 2000 نەپەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم تەربىيەلەپ بېرىپ، جۇڭگو - شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ ئۆز رايونىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى باياناتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئېھتىياجى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى ئاشلىق قاتارلىق جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تەمىنلەش زەنجىرىنى قوغداش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايون ھەمكارلىق تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىق مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلىرىنى قوللايدۇ.

  تۆتىنچى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تاراتقۇ، رادىيو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار ئالماشتۇرۇش لاگېرى، ئاياللار مۇنبىرى، خەلق ئىچى دوستلۇق مۇنبىرى، ئەنئەنىۋى تېبابەت مۇنبىرى قاتارلىق كۇرسلۇق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق خەلق ئىچى ئاپپاراتلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قار - مۇز تەنتەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرىدۇ، كېلەر يىلى نامراتلارنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇنبىرى، دوستانە شەھەر مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن 2000 قېتىم كۆزىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى ھەقسىز يولغا قويىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە تەربىيەلەشتە 5000 كىشىلىك سان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بەشىنچى، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش ۋە گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسىنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. بۇ تەشكىلاتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش مەزكۇر رايوننىڭ ھەتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا دۆلەت تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەمدە دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ، يېڭى ھاياتىي كۈچ يارىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەزا كۆپەيتىش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى، ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇقىملاشتۇردى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بولۇش، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك بولۇش، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ بولۇش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىشىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە بىر ئايدىن كېيىن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگو ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە زور سىياسەت - فاڭجېنلارنى تۈزىمىز. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يول يىراق بولسىمۇ، ماڭساقلا مەنزىلگە يېتىپ بارالايمىز. بىز «شاڭخەي روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ، مۇقىم، گۈللەنگەن، كۆركەم، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى.

  ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى سەمەرقەنت خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ۋە ئېلان قىلدى. يىغىندا خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى، خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى كۆپلىگەن بايانات ۋە ھۆججەتلەر ئېلان قىلىندى، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىكى ئەسلەتمە ئىمزالاندى، بېلارۇسىيەنى ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىش تەرتىپى باشلاندى، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتارنى يېڭى سۆھبەتلىشىش ھەمراھى قىلىش تەستىقلاندى، بەھرەين، مالدىۋې، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، بىرمىنى يېڭى سۆھبەتلىشىش ھەمراھى قىلىش ماقۇللاندى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق شەرتنامىسىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى يولغا قويۇلۇش پىروگراممىسى قاتارلىق بىر قاتار قارارلار تەستىقلاندى. يىغىندا ھىندىستاننىڭ 2022 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى قارار قىلىندى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ