شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ رۇسىيە ـ موڭغۇلىيە باشلىقلىرىنىڭ 6 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى

2022.09.19 08:49 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە دۆلىتى زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن جۇڭگو ـ رۇسىيە ـ موڭغۇلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 6 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت، 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فەن ۋېيگو، سۈن خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە دۆلىتى زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن جۇڭگو ـ رۇسىيە ـ موڭغۇلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 6 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ رۇسىيە ـ موڭغۇلىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىغا ئىگە. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆزئارا تېز ياردەم قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن قىلچە ئايىماي بەھرىمەن قىلىپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىنى ئورتاق قوغدىدۇق. بىز «بۇلۇتتا ئالماشتۇرۇش»نى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە قىزغىنلىقىنى ساقلىدۇق، خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇش رىشتىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق. بىز چېگرا رايونلاردا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئۈچ دۆلەتتىن ئۆتىدىغان چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ئاسىيا تاشيولى تورىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ رۇسىيە ـ موڭغۇلىيە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى يۈكسەلدۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىدىغان ئېشىش سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە ـ رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوشنا رايونلارنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، داۋاملىق تۈردە ئۈچ دۆلەتنىڭ سودا ـ سانائەت ساھەسى ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزئارا سودىدا ئۆلچەملىك پۇل بىلەن راسچوت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى قوللاش كېرەك، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسىغا كىرىشىنى قارشى ئېلىپ، رايون پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە ـ جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ روشەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش خاراكتېرىگە ئىگە، بىر ـ بىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇردى. ئۈچ دۆلەت يېقىن قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئۈچ دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت، ئېنېرگىيە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، ساياھەت، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۈرېلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو، رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش موڭغۇلىيە دۆلىتى دىپلوماتىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم يۆنىلىش. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، موڭغۇلىيە ـ جۇڭگو ـ رۇسىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو، رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپنىڭ سودا، سېلىنما، مۇھىت، ئېنېرگىيە، تۆمۈريول، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  ئۈچ تەرەپ «جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە ـ رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» نىڭ مۇددىتىنى بەش يىل ئۇزارتىپ، جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە ـ رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى ئوتتۇرا لىنىيە تۆمۈريولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكى تەتقىقاتىنى رەسمىي باشلاپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى موڭغولىيە دۆلىتى چېگراسىدىن ئۆتكۈزۈپ ياتقۇزۇش تۈرىنى كېلىشىپ پائال ئالغا سىلجىتىشنى بېكىتتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ