مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ۋيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.09.20 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ زالىدا تەكلىپ بويىچە ۋيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوست قوشنا دۆلەت.باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.جۇڭگو ۋيېتنام بىلەن ھەر قايسى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ھەم نۇنىڭ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلى بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز، تۈرلۈك ئېنىقسىز ۋە مۇرەككەپ ئامىللار گىرەلىشىپ كەتكەن.مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىماقتا.جۇڭگو ۋيېتنام ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام ئېشىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، بۇمۇ شەرقىي ئاسىيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق.بىز ۋيېتنام بىلەن كەسىپ جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چېگرا ئېغىزلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، بازارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە ۋيېتناملىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قايتىپ كېلىشنى خالىسا قايتىپ كېلىشى»نى قارشى ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشنى خالايمىز. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى»نى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، جەنۇبىي دېڭىزنى تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

  فەن مىڭجېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ۋيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دائىملىق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋيېتنام-جۇڭگو سودا سېلىنمىسى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، ئادىمىيەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.

  شياۋجييېيۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ