مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋە قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2022.09.20 10:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يېرىم كېچىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋە قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدىن ئۇدۇل ئايروپورتقا بېرىپ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە قايتتى. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف ۋە ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئارىپوف ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا ۋە ئايروپورتتا ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ