شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ كىچىك دائىرىلىك سۆھبىتىگە قاتناشتى

2022.09.19 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ كىچىك دائىرىلىك سۆھبىتىگە قاتناشتى.

  ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز قاتنىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 55 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە يېتىپ كېلىپ، زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە ئۆزبېكىستاننىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولغان مەزگىلدە سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلىش، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقى ۋە مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر يېڭىچە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، قۇدرەت تېپىش يولىنى تەدرىجىي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىپ چىقىپ، مول ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر قاتار مۇھىم تەجرىبىلەرنى توپلاپ شەكىللەندۈردى.

  سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تىنچلىقنى مەڭگۈ ساقلاش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىر - بىرىنىڭ مەنپەئەت ئىلتىماس - تەلىپىگە ئېتىبار بېرىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا مېڭىش كېرەك. باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ئەمەل قىلىش كېرەك. چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، ئىشلارغا يولۇققاندا كۆپرەك كېڭىشىش، مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىش كېرەك، چوڭ دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەرنى بوزەك قىلماسلىقى، كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاجىز دۆلەتلەرنى بوزەك قىلماسلىقى كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس. ئىتتىپاقلىشىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىش، ھەمكارلىشىش بىلەن قارشىلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىياسەت يۈزلىنىشىدىكى ئېلىشىش، كۈچ سىنىشىش كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. بۇ، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا زەربە بەردى، ھەم مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىسىز. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق پايدىلىق مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىش تەكلىپىنى بەردى.

  بىرىنچى، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپ ئۆزگىرىشىگە كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا داۋاملىق قوللاپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى كۈچلۈك ئارقا تىرىكىگە ئايلىنىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىستراتېگىيەدە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، لاگېرلار قارشىلىشىشىنى پەيدا قىلىدىغان، رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنى توسۇش كېرەك. مەۋقەنى رايون دۆلىتىنىڭ خەۋپسىزلىك ئېھتىياجىغا قويۇپ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىپ، رايون ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ قوغداش كېرەك. بۇ تەشكىلاتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇق، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ رايون خەۋپسىزلىكىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھەم باشقا رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئەزالارنى كۆپەيتىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلات مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. بارغانسېرى كۆپ دۆلەتنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»گە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا كەڭ كۆلەمدە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. پۇرسەتنى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى تېزلىتىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان جەڭگىۋار كۈچنى زورايتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزۈپ چىقىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دىپلوماتىيەدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش دەپ قارايدۇ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ