مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2022.09.23 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەننىڭ 9-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئىسلاھات تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىغا قولايلىق يارىتىش؛ قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئالاقىدار بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىنى قوللاش سىياسىتىنى بېكىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تىرەك بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىيەتكە قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە)»سى ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 9-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئىسلاھات تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىغا قولايلىق يارىتىش؛ قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئالاقىدار بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىنى قوللاش سىياسىتىنى بېكىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تىرەك بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىيەتكە قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە)»سى ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېقىندا گوۋۇيۈەن قىسمەن رايونلاردا 9-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. يەرلىكنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا كۈچەپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ، يەرلىك ئىنكاس قىلغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى؛ ئاساسلىقى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. كېيىنكى قەدەمدە مەسىلە تىزىملىكىنى جايلار ۋە تارماقلارغا يۆتكەپ، بىرى ئارقىلىق كۆپنى بايقاپ تۈزىتىش كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىلىرى «توردا بولۇش» ھالىتىنى ساقلاپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تۈزىتىش بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى داۋاملىق تەڭشەپ ھەل قىلىپ، مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جايلار ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىسادىي كۆلىمى چوڭ ئۆلكىلەر ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ، مۇقىم ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: نەزەرنى كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانا قۇرۇشتىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكىچە، شەخسلەر تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئاخىرەت ئىشلىرىنى تۈگەتكىچە بولغان مۇھىم باسقۇچلارنى چۆرىدەپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، بېجىرىش مىقدارى كۆپ، بېجىرىش قېتىمى يۇقىرى، بېجىرىش ۋاقتى نىسبەتەن مەركەزلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە قارىتا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، ئارقا سۇپىدا ھۆكۈمەت تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك يەككە ئىشلارنى يىغىپ بىرلەشتۈرۈش، ئالدى سۇپىدا بېجىرىدىغان ئىشلارنى «كۆپ جايدا، كۆپ كۆزنەكتە، كۆپ قېتىم بېجىرىش»تىن «بىر جايدا، بىر كۆزنەكتە، بىر قېتىمدا بېجىرىش»قا ئۆزگەرتىش، كارخانا ۋە ئاممىنى ئىش بېجىرىشكە ئاز قاترىتىش كېرەك.

  بازار سۇبيېكتىغا قارىتا، كارخانا قۇرۇش، كارخانىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، كارخانىلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىشتۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق.شەخسكە قارىتا، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، پۇقرالار توي قىلىش ۋە تۇغۇش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىشى، نىمكەش ئۆيلەرنى يۆتكەپ تىزىملاش ۋە سۇ، توك، گازنىڭ نامىنى بىرلەشتۈرۈپ يۆتكەش، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىقىشى، پۇقرالارنىڭ ئاخىرەتلىكىدىن ئىبارەت سەككىز تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، جايلار تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئەمەلىيلەشمىگەنلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قاتناش ئەشيا ئوبوروتى بازار ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى سىجىل ياخشى ئىشلەش ھەم سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، پورت، يۈك پونكىتى قاتارلىقلارنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە ئاساسىي غول لېنىيە، مىكرو ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، قاتمۇ-قات نومۇر قوشۇش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تۆتىنچى پەسىلدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول ھەققى %10 ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا نىشانلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ياردىمى بېرىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تۆتىنچى پەسىلدە ھۆكۈمەت باھا بېكىتكەن ماللارنىڭ پورت ھەققى ئۆلچىمىنى%20 تۆۋەنلىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، 100 مىليارد يۈەنلىك قاتناش ئەشيا ئوبوروتى مەخسۇس تەكرار قەرز پۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۈك تىرانسپورت كارخانىلىرى ۋە شوپۇرلار قاتارلىقلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەمۇرىيەتكە قايتا قاراپ چىقىش ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ ياكى نامۇۋاپىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىشكە پايدىلىق، «پۇقرالار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش» مەمۇرىي تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىدىغان قۇتقۇزۇش تۈزۈمى، پۇقرالار ۋە قانۇنىي ۋەكىللەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىيەتكە قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى. لايىھە خەلق ئۈچۈن قايتا قاراپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەمۇرىيەتكە قايتا قاراپ چىقىشنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، مەمۇرىيەتكە قايتا قاراپ چىقىشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي تالاش-تارتىشنى پەسەيتىدىغان ئاساسىي يولغا ئايلاندى. يىغىندا دەسلەپكى لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ