مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2022-يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.09.22 19:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. مۇشۇنداق مۇھىم تارىخىي پەيتتە، مەن يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق خەۋپسىزلىك تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشلارنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا بىرلىكتە مېڭىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلدىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ