مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2022.09.22 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت خىزمىتىنى مەخسۇس قېلىپلاشتۇرىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام بولۇش سۈپىتى بىلەن، نىزام يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. نىزامغا ئۇزاقتىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنىڭ مول ئەمەلىيىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، سىياسىي مەسلىھەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي مىزانى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىكسېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي كېڭىشىشىنىڭ مول مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈملەشكەن سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش سۇپىسى بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە قانات يايدۇرغان سىياسىي كېڭىشىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئارقىلىق سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش — خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي كېڭىشىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇمىي يىغىننى باشلامچى، مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنىنى مۇھىم نۇقتا، تۈرلۈك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنلىرىنى دائىملىق ھالەت قىلغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كېڭىشىش بىلەن دائىملىق كېڭىشىش بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشىنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. نىزامنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تەرتىپى ۋە ھالقىسىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كونكرېت خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك ئەزالارنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ۋەن گاڭ، لى بىن، جېڭ جيەنباڭ ۋە شاڭ فۇلىن، ۋاڭ ۋېيگۇاڭ، سۈن چىڭجۈ، لىن يىفۇ، جاڭ شۇخۇا قاتارلىق يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، باتېر، سۇ خۇي، گۇ شېڭزۇ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ