مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.09.22 08:46 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلىدى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىپ، روھنى تاۋلاپ، ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، پارتىيەنىڭ، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ، ئارمىيەنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيەسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئۇ، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئورتاق بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مول ئەخلاق ئوزۇقلۇقى، ياخشى مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 512 بۆلەك بايان بار، بۇ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 2022 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، نۇتقى، سۆھبىتى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 240 پارچە مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەرلەردىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ